tilingda naprat dilingda soygu歌词
作词 : xaer/mc kanat
作曲 : elternative beat/daniyar
vocal
verse1
بۇ دەملەر يۈزلەندى خازان پەسلىگە
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
نە قىلاي سارغىيىش قايتماس ئەسلىگە
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
سەن سالغان شۇ ئوتتا ئۇلغايغان قۇيۇن
سەۋدالىق بىزلەرنى كۆردىغۇ ئويۇن
ئىز سالغان ھەسرەتلەر شاتلىقتىن ئۇزۇن
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
music
verse2
پىراقتىن ئېچىلدىم قولۇمدا سۈرەت
بىلىمەن ساڭىمۇ ئورتاق بۇ ھەسرەت
ھىجراننى پۈتسەممۇ تەغدىر ئاقىۋەت
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
يۈرەككە دەردنامە يېزىلدى ئاستا
ۋە لېكىن ئۇنتۇلماس دىلدىكى سەۋدا
ۋىسالدۇر بىزلەرگە سىرلىق مۇئەمما
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
hook
پىغاندىن ياسالدى ئاخىرقى ماكان
سۆيگۈدىن قالمىدى ۋە ھېچبىر نىشان
كۆڭۈلدە قالغىنى پەقەتلا گۇمان
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
پىغاندىن ياسالدى ئاخىرقى ماكان
سۆيگۈدىن قالمىدى ۋە ھېچبىر نىشان
كۆڭۈلدە قالغىنى پەقەتلا گۇمان
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
music
verse3
كۆڭۈلدە قالغىنى گۇماندۇر سېنىڭ
ئېغىزدا مۇھەببەت يوقتۇر كۆڭلۈڭ سېنىڭ
قېنى جاۋابىڭ يۈرۈگۈمنى ئاڭلىدىڭ
ئازابقا سالدىڭ يالغۇز قالدىم
باھار پەسلىدە كاككۇك سايرىسا
يار كۆڭلىڭنى قاتتىق ئاغرىتسا
گۈل ناخشىسى ئەتراپنى بىر ئالسا
ئاڭلا نىگار سەن ئۈچۈن جېنىم پىدا
HOOK
پىغاندىن ياسالدى ئاخىرقى ماكان
سۆيگۈدىن قالمىدى ۋە ھېچبىر نىشان
كۆڭۈلدە قالغىنى پەقەتلا گۇمان
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
پىغاندىن ياسالدى ئاخىرقى ماكان
سۆيگۈدىن قالمىدى ۋە ھېچبىر نىشان
كۆڭۈلدە قالغىنى پەقەتلا گۇمان
تىلىڭدا نەپرەت بار ، دىلىڭدا سۆيگۈ
Daniyar2017.5.7上海
补充纠错