English | 简体中文 | 繁體中文
查询

Bahit tilayman歌词

مەن سېنى بىر قېتىممۇ سۆيدۈم دېمىگەن
ۋە لېكىن چىن يۈرەگىمدىن مەن سېنى سۆيىمەن
كۈيگە تولغان ئەسلىمىلەرنى ئويلىغىنىمدا
ياشلىقنىڭ پەيزىنى يەنە سۈرسەمكەن دەيمەن
مەن سېنى بىر قېتىممۇ سۆيدۈم دېمىگەن
ۋە لېكىن چىن يۈرەگىمدىن مەن سېنى سۆيىمەن
كۈيگە تولغان ئەسلىمىلەرنى ئويلىغىنىمدا
ياشلىقنىڭ پەيزىنى يەنە سۈرسەمكەن دەيمەن
سەن بەخىتلىك بولساڭلا شۇ مېنىڭ بەختىم
ئىشەنگىنكى بۇ مېنىڭ چىن ساداقىتىم
سەن بەختىڭنى تاپقىن چىچەكلەر ئاچقىن
بۇ مېنىڭ ئارزۇ تىلىگىم
سەن بەختىڭنى تاپقىن چىچەكلەر ئاچقىن
بۇ مېنىڭ ئارزۇ تىلىگىم
ھەسرەت چېكىپ ناخشا ئ‍ېيتسام ھەر يانىمدا سەن
ئايغا قاراپ خىيال سۈرسەم ھەر يانىمدا سەن
ۋەسلىمنى دەپ ئ‍اشىق يارنى يەنە بىر كۆرسەم
مەن سىنى يارىم دەپ يەنە يارىم دەپ سۆيسەم

补充纠错
上一曲歌名: Baby Bump ~Intro~歌词
下一曲歌名: 同学情缘歌词